باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، تۆت خىل تەدبىر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

2016.12.07 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى .

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020- يىلىغا بارغاندا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى قوللاش سىياسىتى سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەمەللەشتۇرۇشلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ،يېزىلارنىڭ بايلىق، مۈلۈك ئامىللىرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، يېزىلارنىڭ كاپالەت سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، تېزرەك ئاشۇرۇپ،شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقىنى تېخىمۇ كېچىكلىتپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش نىشانىغا يىتىش كېرەك.

  «پىكىر» دە، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تۆۋەندىكىدەك تۆت جەھەتتىن قوللاش سىياسىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى كۈچەيتىش. ئۈچىنچى، شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش. تۆتىنچىدىن،قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كىرىمىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر