باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى 2 مىليون 400 مىڭ ئورۇندا «رەقەملىك كىملىك»نى ئاشكارا تەكشۈرۈشكە بولىدۇ

2016.12.07 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كود ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سۇپا قۇرۇلۇشى يېقىندا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئامما بۇ سۇپىغا چىقسا، پۈتۈن بېيجىڭ شەھىرىدىكى 2 مىليون 400 مىڭ ئورۇندىكى بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى ۋە ئورۇن نامى، ئىدارە ئادرېسى بىلەن تىزىملاش كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەلەيدىكەن، بۇ يەنە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاشكارا تەكشۈرۈشىگە قولايلىق ياراتقان.

  بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئورگان، ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار باشلامچىلىق بىلەن بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كود نومۇرلۇق كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، «بىر كود بويىچە باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتتى. بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 18 خانىلىق سان ۋە ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ مەملىكەت دائىرىسىدىكى بىردىنبىر، ئۆمۈرۋايەت ئۆزگەرمەس «رەقەملىك كىملىك»ى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆپ كود بىر كودقا، كۆپ قېتىم بېجىرىش بىر قېتىم بېجىرىشكە ئۆزگىرىپ، ئىش بېجىرىش رەسمىيەتلىرى ئاددىيلاشتى.

  ھازىرغا قەدەر، بۇ سۇپا بېيجىڭ شەھىرى بويىچە كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، خەلق باشقۇرۇشىدىكى غەيرىي كارخانىلار، فوند جەمئىيىتى، مۇخبىرلار پونكىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30دىن ئارتۇق ئورگان تۈرىدىكى 2 مىليون 400 مىڭ ئورۇننىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى توپلىغان بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ۋە پۇل مۇئامىلە، قاتناش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئاشكارا تەكشۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ يېڭى پەللىگە چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پايدىلىق رول ئوينىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر