- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ: تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەپەككۇرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك
2016.12.06 15:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 30- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات خىزمىتىنى خۇلاسىلەش ۋە ياخشى پىلانلاش كېلەر يىللىق ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھاتقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەپەككۇرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشقا پايدىلىق ئىسلاھاتلارنى، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىسلاھاتلارنى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىسلاھاتلارنى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق ئىسلاھاتلارنى كۆپلەپ يولغا قويۇش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا «دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كاپىتالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش-نازارەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش لايىھەسى»، «دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لايىھەسى»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئومۇمىي لايىھە»، «يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇلازىمەت تۈرىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»، «تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلەش تۆلىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «شەرقىي شىمال يولۋىسى، يىلپىزى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «دېڭىزنى قورشاپ تىندۇرۇشنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش چارىسى»، «<بىر بەلباغ، بىر يول> يۇمشاق كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ۋە «يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ مال-مۈلۈك پاي ھوقۇقى ۋە فۇنكسىيەسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر