باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېي خۇاڭجىنجيا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دېلوسىغا 1- سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

كارخانا مەسئۇلى شياۋ شۆ 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2016.12.06 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرى گۇاڭياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەرگە چېتىلغان، 36 مىڭ ئادەم قاتناشتى، دېلو سوممىسى بەش مىليارد يۈەندىن ئاشقان خۇاڭجىنجيا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاش دىلوسىغا 5 ـ دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن بۇ سوت مەھكىمىسىدە بىرىنچى سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى شياۋ شۆ 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، قالغان 10 نەپەر جاۋابكارمۇ ئايرىم ھالدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  خۇاڭجىنجيا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ جامائەتنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىش دېلوسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەرگە چېتىلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 36 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇ ھەقتە دېلو مەلۇم قىلغان، دېلو سوممىسى بەش مىليارد 390 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 2015- يىلى 1- ئايدا, تەپتىش ئورگانلىرى خۇاڭجىنجيا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ سابىق مەسئۇلى شياۋ شۆ قاتارلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر