باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىككى كىنىشكىنى بىرىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى

2016.12.06 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇشۇ ئايدىن تارتىپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن باج تىزىملاش كىنىشكىسىنى بىرىكتۈرۈپ تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىجازەتلىك كىرىشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن باج تىزىملاش كىنىشكىسىنى بىرىكتۈرۈپ تىزىملاش تۈزۈمىدە، سودا-سانائەت تارماقلىرى قانۇنىي ئىگىلەر بىلەن باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەتلىك ۋاكالەت نومۇرى يۈكلەنگەن تىجارەت كىنىشكىسىنى تارقىتىدىكەن، بۇ تىجارەت كىنىشكىسى ئەسلىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن باج تىزىملاش كىنىشكىسىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن، باج تىزىملاش كىنىشكىسىنى يەنە تارقىتىشنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودا-سانائەت تارماقلىرى بىلەن باج تارماقلىرى كارخانىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇچۇرىنى توپلاش ۋە ھەمبەھىرلىنىش مېخانىزمىغا تايىنىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئاساسلىق تىزىملىتىش ئۇچۇرى ۋە ئالاقىدار ئىناۋەتلىك ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىكەن.

  بۇ ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىلار يەككە سودا-سانائەتچىلىككە تىزىملاتقاندا، بىرلا جەدۋەل توشقۇزۇپ، بىرلا كۆزنەككە بىرلا يۈرۈش ماتېرىيال تاپشۇرسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر