باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللىي رايونلار گۈزەل مەنزىرىلەرنى بايلىققا ئايلاندۇرماقتا

2016.12.05 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى مەنزىرىسى گۈزەل نامرات جاي دېيىشكە بولىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جايلار گۈزەل مەنزىرە بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يېشىل تاغ، زۇمرەت سۇلارنى ئالتۇن كانىغا بىر-بىرلەپ ئايلاندۇردى.

  مېيلى قارلىق تېغى-دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دېچىن ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، دورا تېغى دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ، چۈنكى بۇ تاغدىن دورا ماتېرىياللىرى كۆپ چىقىدۇ. دېچىن ناھىيەسى يۈنلىڭ يېزىسى مىڭيوڭ كەنتى-مېيلى قارلىق تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان. زاڭزۇ كەنت ئاھالىسى جاشى يوڭزوڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مېيلى قارلىق تېغىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى شۇنداقلا يۇرتىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكى ۋە باشقا كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. كەنتتىكى بەزى كىشىلەر مېھمانخانا ئاچتى، بەزىلىرى ساياھەتچىلەرگە كىرا مۇلازىمىتى قىلدى، ھەتتا بەزى زاڭزۇ مومايلار قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىشلەپ ساياھەتچىلەرگە ساتتى. ھازىر يوڭمىڭ كەنتى ساياھەتچىلىككە تايىنىپلا ھەربىر ئائىلىنىڭ كىرىمىنى يىلىغا ئوتتۇرىچە ئون مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇردى.

  چەكسىز شىرىنغۇل يايلىقى كەڭ قورساق، مېھماندوست چارۋىچىلارنى ئاپرىدە قىلدى، شۇنداقلا يايلاق خەلقنىڭ چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى بېكىتتى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى، قوي گۆشى باھاسى ئىزچىل تۆۋەنلەپ، چارۋىچىلار بەلگىلىك ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرىدى، ئەمما ئۇلار يەنە يايلاقنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئۈستۈنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ باشقىچە يول تۇتۇپ، چەۋەندازلىق فوتوگرافلىقى پائالىيىتىگە تەشكىللەش ئارقىلىق ھەر يىلى نۇرغۇن كىرىم قىلدى، ئابىخ خوشۇنى ئىخغۇل يېزىسى ئىخۋۇس كەنتىدىكى چارۋىچى مېڭكې ئائىلىسى 300دىن ئارتۇق موڭغۇل ئېتى باقتى، ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بېرى ساياھەتنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر يىلى زور تۈركۈم فۇتۇگراف ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ئۆيىمگە كېلىپ ئات بەيگىسى قاتارلىق موڭغۇل ئەنئەنىسىدىكى ئات ئويۇنى پائالىيەتلىرىنى سۆرەتكە تارتىدۇ، ئائىلىمىز ھەر يىلى بۇنىڭدىن 70،80مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمىز.

  ھەر يىلى ئۈچىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدىن تۆتىنچى ئاينىڭ بېشىغىچە پامىر ئىگىزلىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسىدا ئۈرۈك باراقسان چېچەكلەيدۇ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مۇشۇ يېزىدا ياشاپ كەلگەن بىر تاجىك چارۋىچى مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە پات ئارىدا تاشيول ئۇلىنىدىغاندەك قىلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىپ ئۈرۈك چېچىكىدىن ھوزۇرلىنىپ، ئۈرۈكلەرنى تېتىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىزمۇ چارۋچىلار ئارامگاھى قۇرۇپ، كۆپرەك پۇل تاپساق، تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلىساق بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر