خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئامانگۈل گايىت، مۇۋانەم دائىم خەۋىرى، فوتوسى) 12-ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى مەملىكەتلىك قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن، توقسۇ ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، تارماقلاردىكى خىزمەتچىلەت بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ، ئادەملەر كۆپرەك ئۆتۈشىدىغان ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىدا «ئاياللارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»، «تويلىشىش قانۇنى»، «قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»، ئەيدىز بىمارلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، بىلىملەرنى ئاممىغا كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
سۈرەتتە: تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى