- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گىتلېر تۇغۇلغان جاينى ئاۋسترىيە دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۋالماقچى
2016.12.02 16:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاۋسترىيە خەلق پارلامېنتى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى 30-نويابىر قارار ماقۇللاپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇبوتكا ئوتتۇرغا قويغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھىسىگە قوشۇلۇپ، ناتسىس گېرمانىيەسىنىڭ كاتتىبېشى گىتلېر تۇغۇلغان جاينى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولدى. گىتلېر 1889-يىلى گېرمانىيەگە يېقىن ئاۋسترىيەنىڭ چېەرا بازىرى بۇرائۇناۋدىكى بىر ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا تۇغۇلغان، ئۈچ ياش ۋاقتىدا پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە بۇ بازاردىن كۆچۈپ كەتكەن. بۇ بىنانىڭ ئىگىسى گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق موماي بولۇپ، بىنا ئۇزۇن يىل قۇرۇق تۇرغان، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى بۇ بىنانى سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ موماي ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش بۇ ئالاھىدە ئىمارەتنى قايتىدىن رېمۇنت قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر