خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 10- قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 9- قۇرۇلتىيى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەقدىرى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ جان تومۇرى دۆلەتنىڭ جان تومۇرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراشتا، ئىجادىي ئۆزگەرتىش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي روھ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى ياڭرىتىپ، سەنئەت غايىسىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، قەلبىگە ئادالەتنى، خەلقنى پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، قەلىمىدە دۇنيانى مەدھىيەلەپ، دەۋرنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خەلقنىڭ كۈرىشىنى نامايان قىلىدىغان، مىللىي روھنى ئۇرغۇتىدىغان، ئېسىل پەزىلەتنى چېنىقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى