باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.12.01 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 29- نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، باج يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، قوشۇلما قىممەت بېجى نورمىسىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك مالىيە كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش قارار قىلىندى؛ مەركەز كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، سىرتقى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مەبلەغ سالغان تىجارەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ بېجىنى زور كۆلەمدە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئازايتىشنى يولغا قويۇش بۇ يىللىق ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى، باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش» تەك ئاكتىپ ئۈنۈمگە ئىگە. بۇ يىل 5-ئايدا، نۇقتىدا سىناش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تۈرلۈك خىزمەتلەر مۇقىم، تەرتىپلىك ئىشلىنىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن سىناق نۇقتىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە، بىناكارلىق، ئۆي-زېمىن ۋە تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق تۆت چوڭ كەسىپنىڭ كېمەيتىلگەن باج سوممىسى ئايمۇ ئاي زورىيىپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 96 مىليارد 500 مىليون يۈەن باج ئازايتىلىپ، 530 مىڭ باج تاپشۇرغۇچى يېڭىدىن كۆپىيىپ، 26 ئىنچىكە ئايرىش كەسپىنىڭ ھەممىسىدە ئومۇمىي باج يۈكىنى تەڭگىللىتىش، باجنى كۆپەيتمەسلىكتەك كۆزلىمە نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يەنە كېلىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك نۇقتىدا سىناق قىلغان كەسىپلەر ۋە ئەسلىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى كەسىپلىرىنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق باج سوممىسى ئازايتىلىپ، پۈتۈن يىلدا ئازايتىلغان ئومۇمىي باج كۆلىمىنى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى. كېيىنكى باسقۇچتا، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئايلىنىش ئۈنۈمىنى 3-تەرەپ باھالاپ، پۇل مۇئامىلە، بىناكارلىق قاتارلىق سىناق نۇقتا كەسىپلىرى ۋە كارخانىلىرىغا مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ باج تاپشۇرۇش سىياسىتى ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش ۋە تۈزۈمدە ئادىل بولۇش شەرتى ئاستىدا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج كېمەيتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپلەرگە بېرىپ سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۆزگەرتىپ ۋە ياخشىلاپ، باج تاپشۇرۇشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كېلەر يىلى، ھۆكۈمەت تېجەشلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش تەلىپى بويىچە، باج كېمەيتىش، خىراجەتنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەپ يولغا قويۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، باج ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر