- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فاتاخ سايلام قۇرۇلتىيى ئاچتى
ئابباس داۋاملىق سايلاندى
2016.12.01 17:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەركىتى (فاتاخ) 11- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇرۇلتاي ئېچىپ، ماھمۇد ئابباسنى فاتاخنىڭ رەھبەرلىكىگە داۋاملىق سايلىدى.
بۇ فاتاخنىڭ 2009- يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سىياسىي پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىشى بولۇپ، يەنە بىر قېتىم پارتىيە ئىچىدىكى زىددىيەت گەۋدىلەندى. ئابباسنىڭ نۇرغۇن ئۆكتىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.
فاتاخ پەلەستىندىكى مۇھىم سىياسىي پارتىيە بولۇپ، ئۇنى ياسىر ئارافات قاتارلىقلار قۇرغان، ھازىر ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى كونترول قىلماقتا. ئارافات 2004- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئابباس رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان.
ئابباس بۇ يىل 81 ياشتا بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئويى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە كېيىنكى نامزاتنى بېكىتمىگەن ئىدى. بۇ، فاتاخ قۇرۇلتىيىدىكى رەھبەر مەسىلىسىنى سىرتنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر