باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەنە بىر قېتىم چاۋشيەنگە چېتىشلىق قارارنى ماقۇللىدى

2016.12.01 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 30- نويابىر چاۋشيەنگە چېتىشلىق 2321- نومۇرلۇق قارارنى بىردەك ماقۇللاپ. چاۋشيەننىڭ 9- ئاينىڭ 9- كۈنى ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنى ئەيىپلەپ، چاۋشيەندىن يادرو قوراللىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە چاۋشيەنگە يېڭى جازا چارىلىرىنى قوللىنىشنى قارار قىلدى.

  بۇ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 3- ئايدىن بۇيان يەنە بىر قېتىم چاۋشيەنگە چېتىشلىق قارارنى ماقۇللىشى بولۇپ، قاراردا مۇنداق دېيىلگەن: خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەڭ كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن چاۋشيەننىڭ 9- ئاينىڭ 9- كۈنى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەيىپلەيدۇ، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق پائالىيەتلىرىنى توختىتىشىنى، يادرو قوراللىرى پىلانىدىن ۋاز كېچىشىنى، مۇناسىۋەتلىك بارلىق پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىشىنى قايتا تەكىتلەيدۇ.

  مەزكۇر قاراردا چاۋشيەنگە كۆمۈر ئىكىسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويۇلدى، چاۋشيەننىڭ مىس، نېكىل، كۆمۈش، سىنك ئىكىسپورت قىلىشى چەكلەندى، ھەمدە چاۋشيەن دېپلوماتىيە ئۆمەكلىرىنىڭ پائالىيىتىگە مەلۇم چەكلىمىلەر قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر