باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

ئۈرۈمچى شەھىرىنى تىرىشىپ غەربىي شىمال رايونى بويىچە خاسلىقى روشەن، يېشىل، ساغلام، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، ئىناق، زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2016.11.30 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەھەر يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئىناق، مۇقىم، ئەلا ھەم كۈچلۈك، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە، پاكىز ۋە گۈزەل مەركىزىي شەھەر بەرپا قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى تىرىشىپ غەربىي شىمال رايونى بويىچە خاسلىقى روشەن، يېشىل، ساغلام، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، ئىناق، زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋەن خەيچۈەن قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەر ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، نوپۇس، كەسىپ، مۇھىم ئامىللار توپلانغان رايون، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىقلارنىڭ پائالىيەت مەركىزى، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال بىرلەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان ۋە قۇرۇلۇشنى يۇقىرى ئۆلچەمدە باشقۇرۇش، شەھەرنىڭ دەرىجىسى، مۇھىت سۈپىتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە شەھەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچى، شەھەر ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما شەھەر قارىشىنى كۈچەيتىشى، شەھەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ھەممە كىشى شەھەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، شەھەرنى قىزغىن سۆيۈشى، شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشى، شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈشى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، شەھەر ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئادەمنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرىدە خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش، شەھەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، تۈجۈپىلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، مۇقىملىق جەھەتتە تىرىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىش، قىياپەت جەھەتتە ئوبراز شەكىللەندۈرۈش، ئىقتىساد جەھەتتە تايانچنى كۈچەيتىش، مۇھىت ئاسراش جەھەتتە باشلامچى بولۇش، مەدەنىيەت جەھەتتە كۆزنەك بولۇش، بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، شەھەرنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك. مىللىيچە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، دەۋر تۈسىگە ئىگە قىلىش ھەم تارىخىي ئەنئەنىنى ساقلاش، مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى نامايان قىلىش كېرەك؛ زامانىۋىلىق تۈسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر شەھەرلەرنى ئۈلگە قىلىش، يىرىك پىلان تۈزۈش ۋە لايىھەلەش، قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى لايىھە، يېڭى ئۆلچەم، يېڭى ھۈنەر، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇلنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك؛ ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىلمىي پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەرنى تىرىشىپ ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان گۈزەل يۇرت - ماكانغا ئايلاندۇرۇش، ئۈرۈمچى شەھىرىنى تىرىشىپ غەربىي شىمال رايونى بويىچە خاسلىقى روشەن، يېشىل، ساغلام، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، ئىناق، زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ تايانچ نۇقتىسى، كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئۈچ چوڭ قاتلامنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. كونا شەھەر رايونىدا باشقۇرۇش، تۈزەش مۇلازىمىتىنى چىڭ تۇتۇش، شەھەر دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ھەر بىر كوچىنى بىرمۇبىر پىلانلاپ تۈزەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كونا قىياپىتىنى پۈتۈنلەي يېڭىلاش كېرەك؛ يېڭى شەھەر رايونىنىڭ پىلان - قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى دەرىجە بويىچە پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش، شەھەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى نامايان قىلىش، ئالاھىدە قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، شەھەرنىڭ گۈزەللىكىنى تەرىپلەش دەرىجىسى، داڭقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر ئەتراپىدا ئۆزگىچە كىچىك ئولتۇراق رايون، كىچىك بازارلارنى چىڭ تۇتۇش، زىچ توپلاشقان شەھەر - بازار توپى شەكىللەندۈرۈش، شەھەر بىلەن كىچىك بازارلارنىڭ ئىشنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، فۇنكسىيەسىنى ئۆز ئارا تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، ئۈچ چوڭ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پىلان تۈزۈشتە باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇش، دەرىجىدىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر، دۇنياۋى نەزەر، ئېچىۋېتىلگەن قاراش، يۇقىرى سەۋىيە بىلەن شەھەر پىلانىنى ياخشى تۈزۈش، پىلاننىڭ باشلامچىلىق، يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش - تىزگىنلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق خاسلىقنى نامايان قىلىش، ھۈنەرۋەن روھى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆكەرتىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، يورۇتۇش قۇرۇلۇشى ئالاھىدە، پاكىزلىق ئۆلچىمى ۋە گۈزەللەشتۈرۈش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆزگىچە ھەم يېقىشلىق بولۇش، گۈزەل شەھەر ماركىسى يارىتىش كېرەك؛ باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈش، شەھەر باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يىرىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، خەلقنىڭ شەھەر تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ گۈزەل قىلىش كېرەك.

  ئالتىنچى، «ئالتە ئاچقۇچ»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، دۇنياغا نەزەر تاشلاش، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، زامانىۋى ئىدىيە، زامانىۋى تەپەككۇر، زامانىۋى ئاڭ ئارقىلىق شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ كۈچلۈك قوشۇن بەرپا قىلىش، تەربىيەلەشنى تېزلىتىش، شەھەرنى چۈشىنىدىغان، باشقۇرالايدىغان بىر تۈركۈم كادىرلارنى كىرگۈزۈش، ئىلمىي پوزىتسىيە، ئىلغار ئىدىيە، كەسپىي بىلىم ئارقىلىق شەھەرنى پىلانلاش، قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش كېرەك؛ قاراشنى ئۆزگەرتىش، شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىش، ھەر خىل كارخانىلارنى ۋە كاپىتالنى شەھەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكچى بولىدىغان، بازار يۈرۈشتۈرىدىغان، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىدىغان كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى قۇرۇلۇش مېخانىزمى، تۈزەش مېخانىزمى، باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن باشقۇرۇشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش، تۈزەش بىلەن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش، گۈللىنىش بىلەن تەرەققىياتنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش كېرەك؛ كەسىپلەرنى توپلاش، كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش، كەسىپلەر باغچا رايونى قۇرۇش، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى شەھەر - بازارلارنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈش، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تايانچ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش، قاتناش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى مۇستەھكەملەش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سىياسەت سىستېمىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، شەھەرنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر