باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۈچلۈك تۇمان تەسىرىدە ئۈرۈمچىدە 3700 نەپەر يولۇچى ئايرودۇرۇمدا تۇرۇپ قالدى

2016.11.30 15:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 29-نويابىر تېلېگراممىسى: نەچچە كۈنلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋاقتىنچە پەسىيىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئازراق ئۆرلىدى. 29-نويابىر مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە كۈچلۈك تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، پۈتۈن شەھەرنى تۇمان قاپلىدى، بۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.

  توڭ تۇمان تەسىرىدە 29-نويابىر سائەت 17:00 دە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى 59 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلدى. 27 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ۋە قونۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى ئۈچ ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا جەمئىي 3700 نەپەر يولۇچى تۇرۇپ قالدى.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ھاۋارايى ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر