- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىنىڭ ئوخايو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا قاتىللىق دېلوسى يۈز بېرىپ، توققۇز كىشى يارىلاندى
جىنايەت گۇماندارى ئېتىۋېتىلدى
2016.11.29 15:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا 28-كۈنى قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، توققۇز كىشى يارىلاندى، جىنايەت گۇماندارى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى. نۆۋەتتە مەكتەپنىڭ قىسمەن رايونلىرى ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرى تاقاق ھالەتتە تۇرماقتا.
ئوخايو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتىنىڭ كولۇمبۇ شەھىرىدە بولۇپ، «كولۇمبو تېلېگراف گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 10 ئەتراپىدا، گۇماندار ماشىنا ھەيدەپ يولدا كېتىۋاتقانلارنى سوققان، ئارقىدىن ماشىنىدىن چۈشۈپ، پىچاق بىلەن كىشىلەرنى يارىلاندۇرغان، ئاخىرىدا مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋېلىپ يېتىپ كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەكتەپ تەرەپ دەرھال تىۋىتتىردا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلانى چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن يوشۇرۇنۇشنى تەلەپ قىلدى. ئاگاھلاندۇرۇش تەخمىنەن بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن بىكار قىلىندى، بىراق ساقچى تەرەپ داۋاملىق مەكتەپ ئىچىدە چارلىدى. مەكتەپ تەرەپ شۇ كۈندىكى بارلىق ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر