باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆپكە راكىغا بالدۇر دېياگنور قويۇپ، بالدۇر داۋالىغاندا، ھايات قېلىش نىسبىتى %90كە يېتىدىكەن

2016.11.30 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر يىلنىڭ 11-ئېيى دۇنيا «ئۆپكە راكىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئېيى». مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭى قوزغالغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى تەخمىنەن 3 مىليون 586 مىڭ بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانى 2 مىليون 187 مىڭ ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەر يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئۆپكە راكى كېسەللىرى تەخمىنەن 705 مىڭ بولۇپ، ئۆلگەنلەر 500 مىڭدىن ئېشىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ نىسبىتى ھەرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  ئۆپكە راكىنى داۋالاشنىڭ تەس بولۇشى ئاساسلىقى كېچىكىپ بايقاشتىن ئىكەن، تەخمىنەن دېئاگنوز قويۇلغانلارنىڭ %70- %80تىنىڭ كېسىلى دەل تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىلى بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىش پۇرسىتى يوق ئىكەن. ئەگەر بالدۇر بايقاپ، قېلىپلاشقان تاشقى كېسەللىك بويىچە داۋالىغاندا ياكى ئۇنىۋېرسال داۋالىغاندا، ئۆپكە كېسەللىرىنىڭ بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى %50تىن يۇقىرى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئۆپكە راكى بىمارلىرىنىڭ بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى %80- %90كە يېتىدىكەن.

  دوختۇرلار 40 ياشتىن يۇقىرى، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆسمە كېسەللىكلىرى تارىخى بار، كەسپىي ئوچۇقچىلىقتا تۇرۇش تارىخى بار قاتارلىق كېسەللىك قوزغىلىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆپكە راكىنى تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر