باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە پىكىر ئېلان قىلىپ ئەدلىيەلىك باھالاشنى قېلىپلاشتۇردى

2016.11.29 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 28-نويابىر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ «ئەدلىيەلىك باھالاشنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ئەدلىيەلىك باھالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرغان. پىكىردە، باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن باھالاش ھاۋالىسىنى رەت قىلماسلىقى، ئۆز مەيلىچە دەۋالاشقۇچى تاپشۇرغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتمىگەن باھالاش ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلماسلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى تىزىملاپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، باھالاش ئاپپاراتى ۋە باھالىغۇچىنىڭ ئىجازەت ئۆلچىمىنى قاتتىق تۇتۇپ، باھالاش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھالاش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى باھالاش ھاۋالىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باھالاش ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكىلىق دەلىل-ئىسپاتنى تەكشۈرۈش خىزمىتى، سوتتا يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى دائىملىق ئالاقە، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر