باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 29 تۈركۈم (قېتىم) دورىنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىكىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

نۇرغۇن داڭلىق دورا كارخانىلىرى چېتىلدى

2016.11.28 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت يېقىندا دورىلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، كورلا «لۇڭجىيۈەن» دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، «تەيجى» گۇرۇھى چۇڭچىڭ جۇڭيى دورىسى 2-زاۋۇتى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 25 دورا كارخانىسى ئايرىم-ئايرىم ئىشلەپچىقارغان ئەنشېن يۈرەك قۇۋۋەتلەش كۇمىلىچى، بالىلار يۆتەل گۆھىرى دانىچىسى قاتارلىق 29 تۈركۈم (قېتىم) دورىنىڭ لاياقەتسىز مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئالاقىدار تۈركۈمدىكى دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، ياندۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇغان.

  لاياقەتسىز تۈركۈم (قېتىم) دورىلاردىن: كورلا «لۇڭجىيۈەن» دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن خېنەن ئۆلكىلىك «كاڭخۇا خۇەيچىڭ» دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۈركۈم نومۇرى 20140902، 20141201 ۋە 140501 بولغان ئەنشېن يۈرەك قۇۋۋەتلەش كۇمىلىچى، جىلىن «بەيشېڭتاڭ» دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۈركۈم نومۇرى 20150301 بولغان ئەنشېن يۈرەك قۇۋۋەتلەش كۇمىلىچى، گۇاڭشى «شىبياۋ» دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۈركۈم نومۇرى 150601 بولغان فۇفاڭ دەنشېن تابلىتى، «تەيجى» گۇرۇھى چۇڭچىڭ جۇڭيى دورىسى 2-زاۋۇتى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۈركۈم نومۇرى 1401003 بولغان بالىلار يۆتەل گۆھىرى دانىچىسى، شەنشى «خۇالۇڭ» دورا ياساش چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۈركۈم نومۇرى 20150101 بولغان بالىلار قىزىتما قايتۇرۇش ئىچىملىكى قاتارلىقلار بار. كونكرېت تىزىملىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تور پونكىتىدە ئېلان قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر