خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسپانىيەنىڭ گران كانارىيا ئارىلىدا ئىسپانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى سائىنىس بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ سائىنىس ئارقىلىق پادىشاھ فىلىپې Ⅵ ۋە باش ۋەزىر لاخويغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-ئىسپانىيە مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلىنىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا تەرەققىيات-ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو ئىسپانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىسپانىيە بىلەن بىللە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكا، پاكىز ئېنېرگىيە، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىشى كېرەك. جۇڭگو ئىسپانىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەيدۇ. ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى