خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 18- نويابىر تارتىلغان يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئىتالىيەنىڭ نورسيا بازىرىدىكى قەدىمىي شەھەر. 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى نورسيا قەدىمىي شەھىرى ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇمبىرىيە رايونىغا جايلاشقان، ئىلگىرى مول نازۇ- نېمەتلىرى ۋە ساياھەت بايلىقى بىلەن داڭلىق ئىدى. يەر تەۋرەش بۇ جاينى ئاساسەن ۋەيران قىلدى، بازاردىكى سودا دۇكانلىرى، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى، قەدىمىي ئىزنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىمارەتلەر خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، نورسياغا قاراشلىق كەنتلەرنىڭ بەزىلىرى تۈزلىنىپ كەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى