باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە ۋە ياپونىيە «ھەربىي ئاخباراتنى قوغداش كېلىشىمى» رەسمىي ئىمزالاندى

2016.11.24 15:56   مەنبە: خەلق تورى

كورېيە ۋە ياپونىيە «ھەربىي ئاخباراتنى قوغداش كېلىشىمى» رەسمىي ئىمزالاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە ۋە ياپونىيە ئىككى دۆلەت 23-نويابىر سېئۇلدا كورېيە- ياپونىيە «ھەربىي ئاخباراتنى قوغداش كېلىشىمى»نى رەسمىي ئىمزالىدى، كورېيەنىڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر ۋە كورېيە ئاممىسى بۇنىڭغا ئارقا-ئارقىدىن ئېتىراز بىلدۈردى.

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى، كورېيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى خەن مىنچيۇ ۋە ياپونىيەنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ناگامىنى ئەنسېي ئايرىم-ئايرىم ئىككى دۆلەتكە ۋاكالىتەن كورېيە دۆلەت مۇداپىيە مىنسىتىرلىقى ئىشخانا بىناسىدا كېلىشىم ئىمزالىدغان. ئىككى تەرەپ يازما شەكىلدە ئۆزئارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، كېلىشىم دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

  «ھەربىي ئاخباراتنى قوغداش كېلىشىمى» ئالاھىدە بەلگىلىك دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەربىي ئىشلار مەخپىيەتلىكىدىن ھەمبەھىر بولۇش ئۈچۈن ئىمزالايدىغان كېلىشىم بولۇپ، بۇ قېتىملىق كېلىشىم مەخپىيەتلىكنى تەمىنلەش ئۇسۇلى، قوغداش پىرىنسىپى، يوق قىلىش ئۇسۇلى ۋە يوقىتىپ قويۇشقا بولغان قارشى تەدبىر قاتارلىق 21 تۈرلۈك ماددىغا چېتىلىدۇ، كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، كورېيە- ياپونىيە ئىككى تەرەپ ئامېرىكىدىن ھالقىپ، تېزلىكتە ئاخباراتلاردىن ھەمبەھىرلىنەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئېلان قىلىندى
    ·چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھان نەتىجىسى 18- نويابىر ئېلان قىلىندى 
    ·جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كەلگەن يولۇچىلار بۇ يىل 4 مىليون 240 مىڭ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى بىكار قىلىش سىن…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·ئۆزبىكىستاندا بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ م…
    ·لى كېچياڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى
    ·ئۈچ مىنىسىتىرلىق كومىتېت «مائارىپ خىراجىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەي…
    ·جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى