باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خىمىيەلىك قوراللار موسۇل ئۇرۇش مەيدانى ئاسمىنىنى قاپلىدى

«ئىسلام دۆلىتى» ۋاسىتە تاللىماسلىقى مۇمكىن

2016.11.24 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى IHS ماركىت شىركىتىنىڭ 22-نويابىر ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان سۇرىيە ۋە ئىراقتا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش سانى ئاز دېگەندە 52 قېتىمغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە موسۇل ئۇرۇش مەيدانىدا 19 قېتىم ئىشلىتىلگەن.

  ئانالىزچىلار موسۇل ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ كەسكىن باسقۇچقا كىرىشىگە ئەگىشىپ، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ۋاسىتە تاللىماي، يەنە بىر قېتىم پۇقرالار ۋە ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە خىمىيەلىك قورالدىن ئىبارەت بۇ «زەھەرلىك» ۋاسىتىنى قوللىنىش مۇمكىنچىلىكى بولۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

  دوكلاتتىكى ئانالىزدا، موسۇل بىر مەزگىل «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى ياسايدىغان «باش زاۋۇت»ى بولغان، 10-ئاينىڭ 17-كۈنى موسۇل ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قىسمەن ماتېرىياللار، ئەسلىھەلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى سۇرىيەگە چېكىندۈرگەنلىكى ئېيتىلدى.

  دوكلاتتا، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ موسۇل ئۇرۇشىدا خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش خەۋپىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، خلور گازى ۋە قىچا گازىنىڭ ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر