باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20دىن ئارتۇق ئۆلكە كونكرېت لايىھە ئېلان قىلدى، بەزى جايلار يەنىلا «ئۈچىنچى شەخس بولماسلىق» قاتارلىق ئىسپاتلارنى تەلەپ قىلماقتا

2016.11.23 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاممىنىڭ «بېجىرىدىغان ئىسپات كۆپ بولۇش، ئىسپات بېجىرىش تەس بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر 11-ئايدا گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭى «ئاممىۋى مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان، تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە 20دىن ئارتۇق ئۆلكە كونكرېت خىزمەت لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھەرخىل «ئاجايىپ ئىسپات» ۋە مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تازىلىغان.

  مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايدىكى ئاساسىي قاتلاملاردىكى ساقچىخانىلار ۋە مەھەللىلەر چىقىرىدىغان ئىسپات سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان. بىراق بەزى جايلاردا، «ئۈچىنچى شەخس بولماسلىق ئىسپاتى»، «ئائىلە ئايالىلىق ئىسپاتى» دېگەندەك «ئاجايىپ- غارايىپ ئىسپاتلار» يەنىلا تەلەپ قىلىنغان، بىر قىسىم جامائەت گۇۋاھلىقى، بانكا قاتارلىق غەيرىي ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىسپات تەلەپ قىلىشتىكى چوڭ گەۋدىلەر بولۇپ قالغان.

  نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم جايلار «ئېنتىرنېت پىلۇس»، بىر نۇقتىلىق ھۆكۈمەت خىزمىتى مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇچۇر ھەمبەھىرلەش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنبەدىن ھەرخىل «ئاجايىپ ئىسپات»، «قايتا-قايتا ئىسپات» قاتارلىق ھادىسىلەردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغان. بىراق ھەرخىل «ئۇچۇر بېكىنمىچىلىكى»نى بۇزۇپ تاشلاش جەريانىدا، بىر قىسىم «سىياسەت يوچۇقلىرى» ھەرخىل ئەھمىيەتسىز ئىسپاتلارغا مەۋجۇدلۇق بوشلۇقى قالدۇردى. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن، ئايدىڭلاشقان، ئاشكارا بولغان تەستىقلاش ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى بىر تۇتاش قۇرۇپ چىقىپ، ئۆز ئارا زىت، ۋاقتى ئۆتكەن، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى يوق تەستىق ئىشلىرىنى بىكار قىلىپ، «ئاجايىپ ئىسپات»لارنىڭ يىلتىزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر