باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەردە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان 37 نەپەر كادىرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى

2016.11.23 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 11 ناھىيە ۋە شەھەردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ناھىيە دەرىجىلىك 15 نەپەر كادىر، بۆلۈم دەرىجىلىك 22 نەپەر كادىرغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، سۆزلىشىپ نەسىھەت قىلىش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بەردى، ھەمدە 11 ناھىيە ۋە شەھەرنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشىنى بۇيرۇدى. بۇ، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇنجى قېتىم ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ يىل، قەشقەر ۋىلايىتى «13- بەش يىللىق» پىلان بويىچە مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم قوش تىل يەسلىسى قۇرغان، لېكىن بەزى ناھىيە، شەھەر ۋە ئورۇنلار بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئىسـتـىل دۇرۇس بولمىغان، خىزمەتتە ئاجىز بولغان، مۇشۇ سەۋەبلەردىن، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرىتى ناھايىتى ئاستا بولغان، بەزىلىرى ھەتتا ئىتتەرسىمۇ مىدىرلىمىغان. 10- ئاينىڭ 20 -كۈنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ۋىلايەت بويىچە قۇرۇلغان يەسلىنىڭ پەقەت بەشى ئۆلچەمگە يەتكەن، 28 يەسلىنى تېخى ئەمدى ياساۋاتقان، 70 يەسلىنى قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان، يەنە 52 يەسلى تېخى ئىش باشلىمىغان ئىكەن.

  يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى» قاتارلىقللارغا ئاساسەن، ناھىيە دەرىجىلىك 15 نەپەر كادىرغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سۆزلىشىپ نەسىھەت قىلىش جازاسى بېرىلدى، بۆلۈم دەرىجىلىك 22 نەپەر كادىرغا قارىتا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر