خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سانتىياگودىكى ب د ت، لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەسى ۋە كارىب ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ باش ئىشتابىدا جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تاراتقۇ رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.
شى جىنپىڭ كەلگەندە باچېلېت ھەم ب د ت، لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەسى ۋە كارىب ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى بارسېنا قاتارلىقلار ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بارسېنا شى جىنپىڭنىڭ ب د ت، لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەسى ۋە كارىب ئىقتىساد كومىتېتىغا زىيارەتكە كەلگەنلىكى ھەم جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تاراتقۇ رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە «جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تاراتقۇلىرى ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تاراتقۇ رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ رەسمىي ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقە تارىخىدىكى زور يېڭىلىق ھەم كاتتا ئىش. «سادا ئوخشاش بولسا گەپ بىر يەردىن چىقىدۇ، كۆڭۈل بىرلەشسە كۆرۈشمەي تۇرۇپمۇ تۇغقاندەك ئۆتكىلى بولىدۇ». تاراتقۇلار ئالاقىسى جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تاراتقۇلار جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسى خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى