باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگونىڭ خۇاڭيەن ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۆزگەرمەيدۇ

2016.11.23 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 22-نويابىر قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، جۇڭگو-فىلىپپىن ئىككى تەرەپنىڭ نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش يولىغا قايتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقى، جۇڭگونىڭ خۇاڭيەن ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  سوئال: فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتى 21-نويابىر، خۇاڭيەن ئارىلىدىكى شىخۇ كۆلىنى تەبىئىي قوغداش رايونى قىلىپ، بېلىقچىلارنىڭ بۇ رايوندا بېلىق تۇتۇشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟

  جاۋاب: جۇڭگو-فىلىپپىن ئىككى تەرەپ نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش يولىغا قايتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپمۇ دوستانىلىك بىلەن، فىلىپپىن بېلىقچىلىرىنىڭ خۇاڭيەن ئارىلى ئەتراپىدىكى ئالاقىدار دېڭىز تەۋەسىدە بېلىق تۇتۇشىغا ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. جۇڭگونىڭ خۇاڭيەن ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۆزگەرمەيدۇ. بىز جۇڭگو-فىلىپپىن ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىنى ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاكتىپ ئامىلغا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر