خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-نويابىر لىمادا پېرۇ زۇڭتۇڭى كۇچىنسى بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقى جۇڭگو-پېرۇ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو-پېرۇ مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. زۇڭتۇڭ كۇچىنسى ئەمەلدارلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغىنىغا ئالتە ھەپتە بولغاندا ئېلىىمزگە زىيارەتكە كەلدى، بىز مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-پېرۇ مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشنى بىردەك ماقۇللىدۇق. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-پېرۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېرگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى