باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى بىكار قىلىش سىناق قىلىنىدۇ

2016.11.11 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن جيەنخۇا ئالدىنقى كۈنى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇت قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئۈنۈمىنىڭ تەدرىجىي كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. خادىملار ئىسلاھاتى جەھەتتە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى بىكار قىلىش سىناق قىلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە تەكلىپلىك ئىشلىتىش شەكلى قوللىنىلىپ، مەمۇرىي دەرىجىنىڭ يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ، خادىملارنىڭ ئايلىنىشى كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لىن جيەنخۇا تونۇشتۇرۇپ، مەكتەپ مەمۇرىي خادىملىرىغا بولغان خادىملار ئىسلاھاتىنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكلىپلىك ئىشلىتىش تۈزۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئىلمىي ئورگانلاردىكى باشقۇرۇش قاتلىمىدا يولغا قويۇلغانلىقىنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كەلگۈسىدە ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت قاتلىمىدا ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى، فاكۇلتېت مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى بىكار قىلىش سىناق قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىدىن ئايرىپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ نۆۋەتتە تۈزۈپ چىقىلىۋاتقانلىقنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەمۇرىي دەرىجە بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكلىپلىك ئىشلىتىش شەكلىدە ئىش ئورنىغا چىقىش قوللىنىلىپ، ئوخشىمىغان كىشىلەرگە ئوخشىمىغان تەكلىپلىك ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللىنىلىدىكەن، «ئىلگىرى مەمۇرىي شەكىلدە تەلەپ قىلىنغانلارغا بىر يۈرۈش باشقارما دەرىجىلىك كادىرلارنى باشقۇرۇش قائىدىسى بار بولىدىكەن». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىن جيەنخۇانىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا يەنە خادىملار تەرتىپى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ھەر يىلى بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر