باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

2016.11.03 13:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قىرغىزىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ھەمدە بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ياكى زۇڭلىلىرى كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى شياۋ چىڭخۇا «ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشقان ياخشى شېرىكلەر، يىپەك يولىنىڭ يېڭى پۇرسىتى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: رەئىس شى جىنپىڭ 2013-يىلى قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىم قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ مەزمۇنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىدە، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان بۇ تەشكىلاتنىڭ رامكىسى ئاستىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرگە بىر يۈرۈش مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ۋە زورىيىشىغا تۆھپە قوشتى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: مۇندىن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تاغ دەريالار، چۆل-جەزىرىلەردىن ھالقىپ قەدىمىي يىپەك يولىنى ئاچقان. بۈگۈنكى كۈندە توسالغۇلاردىن يول ئېچىلىپ، يىپەك يولىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئىشىنىمىزكى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەت خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر