باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ پۇل تېپىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك

2016.11.08 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «بىلىمنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان تەقسىمات سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ، قانۇنلۇق كىرىم قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئىش ئورنىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز خىزمىتىنى تاماملاشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ئىش ئورنىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن، كارخانا ۋە باشقا پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا بېرىپ قوشۇمچە خىزمەت قىلسا ۋە قانۇنلۇق كىرىم قىلسا بولىدۇ. پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرلىك قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن مەسلىھەت سوراش، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن ياردىمى بېرىش ۋە ئىلمىي تەشكىلات قاتارلىق پائالىيەتلەرگە پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. پەن-تېخنىكا ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر قوشۇمچە خىزمەتنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنى بېكىتىشى ياكى پەن-تەتقىقات خادىملىرى بىلەن پۈتۈشۈشى، پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قوشۇمچە خىزمىتىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇشى، قوشۇمچە خىزمەت قىلغاندا مەزكۇر ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقى، مەزكۇر ئورۇننىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى ۋە دەخلى-تەرز قىلماسلىقى، ئۈستىگە ئالىدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك. قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ تاپقان ھەققى پىرىنسىپ بويىچە شەخسكە تەۋە بولىدۇ، قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ ئېرىشكەن پاي ھوقۇقى ۋە پايدا قاتارلىقلار كىرىملەرنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان پەن-تېخنىكا خادىملىرى قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ تاپاۋەت قىلسا، مەركەزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. پەن-تېخنىكا خادىملىرى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ ياكى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلەپ قىلغان كىرىمى ئۆز ئونىنىڭ ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شەخسلەر چوقۇم قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ ئېرىشكەن كىرىمىنى ئىش ئورنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر