باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى

2016.11.11 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- نويابىر مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئېلىش ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 2017- يىلى 4-، 5-، 6-، 7- يانۋار كۈنلىرى بولۇپ تۆت كۈن؛ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 5-، 6- يانۋار كۈنلىرى بولۇپ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3- يىللىقلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق «پىروگنوز خاراكتېرلىك» سىناق ئىمتىھانى 2017- يىلى 15-، 16-،17- يانۋار كۈنلىرى ئېلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئىمتىھان قەغىزى تەمىنلىنىدىغان مەكتەپلەر بىردەك ھالدا بەلگىلەنگەن كۈنتەرتىپ ۋە ۋاقىت بويىچە ئىمتىھان ئېلىشى كېرەك ئىكەن. ھەر قانداق مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ كۈن تەرتىپى ۋە ۋاقتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدىكەن. ئىمتىھاننىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىشى؛ ئىمتىھان قەغەزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يەنى، بۇ ئىمتىھان سوئالىنى زاكاز قىلغان مەكتەپ چوقۇم زاكاز ئورۇن بىلەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى ئىمزالىشى، تەدبىر قوللىنىپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر