باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە تەپتىش تەرەپ پاك گيۇنخاينى تەكشۈرمەكچى

بۇنىڭدىن بۇرۇن پاك گيۇنخاي ماسلىشىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى

2016.11.10 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ 9-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، «سۇي شۇنشىر سەتچىلىكى» ۋەقەسىگە قارىتا، كورېيە تەپتىش تەرەپ بۇ ئاينىڭ 19-كۈنى بۇ ۋەقەدىكى بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشى سۇي شۇنشىرغا قارىتا ئەرز سۇنۇشنى بېكىتكەن، ئۇنىڭ جىنايىتى ئالدامچلىق، ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەپتىش تەرەپ زوڭتوڭ پاك گيۇنخايدىن قاچان ۋە قانداق شەكىلدە ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈشنى كېلەر ھەپتە بېكىتىدىكەن.

  سېئۇل مەركىزىي يەرلىك تەپتىش نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى 8- نويابىر، سۇي شۇنشىرنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىش ۋەقەسىگە قارىتا، زوڭتوڭ پاك گيۇنخاينى تەكشۈرۈشنىڭ كونكرېت ۋاقتى ۋە شەكلىنى بېكىتىش ئۈچۈن، تەپتىش تەرەپ كېلەر ھەپتە پاك گيۇنخايدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈستىدە «ئومۇمىي لايىھە تۈزۈپ» چىقىشنى بېكىتىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاك گيۇنخاي تەپتىش تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

  تەپتىش تەرەپ: پاك گيۇنخاينىڭ نۇرغۇن يېقىنلىرى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەمىنلىگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرى پاك گيۇنخايغا پايدىسىز، تەكشۈرگۈچى خادىملار يېتەرلىك ئىسپاتلارنى ئىگىلىدى، پاك گيۇنخايدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈشتىن «ساقلانغىلى بولمايدۇ»، دەپ بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر