باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى غەيرەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2016.11.11 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 7-نويابىردىن 9-نويابىرغىچە يۈننەن ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش-نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى» رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ-پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىنى قوغداش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى، خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىشى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جاڭ گاۋلى يۈننەننىڭ بىر بەلباغ، بىر يول ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، غەربىي جەنۇبنى ئېچىۋېتىشقا يۈزلەنگەن مۇھىم ئىستىھكام، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىشى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۈننەنچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى؛ شەھەر-يېزا رايونلىرىنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى قۇتۇپىنى يېتىشتۈرۈشى؛ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى ياخشى قىلىپ، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ۋاقتىدا سۈپەتلىك ئورۇنلاپ، نامرات جايلار، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر