باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، ترامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2016.11.10 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى دونالد ترامپقا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئالاھىدە مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئۇزاق مەزگىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. مەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپ، رايون، دۇنيا قاتلىمىدا تۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىجابىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىسىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا تەقەززامەن.

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ مەيك بۇرنىسقا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر