- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئېكۋادور، پېرۇ، چىلىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم پېرۇنىڭ لىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 24-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
2016.11.10 15:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كوررىئا، پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۇزىينىسكى، چىلى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى باچېلېتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە يۇقىرىدىكى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كوزىينىسكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە پېرۇنىڭ لىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 24-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر