باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

2016.11.10 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن 1- قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، سىناق رايونى ئالدىن سىناق قىلىپ ئالدىن يولغا قويۇش ئۇسۇلىدا شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش قېلىپى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزىمى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي سىستېمىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن ۋە سىناق قىلىدىكەن، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى يادرولۇق رايونى تەرەققىيات يېڭى ئېنېرگىيەسىنى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىكەن. ئومۇمىي پىلانغا ئاساسەن، سىناق رايونى يېقىنقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك نىشاننى تۈزۈپ چىقتى. 2020-يىلغىچە سىناق رايونى 3 دىن 5 كېچە بولغان نۇقتىلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگە تىرەك بولىدىغان مەملىكەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پەننى يېتىلدۈرىدۇ. بىرلىشىپ دۆلەتلىك10 نۇقتىلىق تەجرىبىخانا، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى ۋە ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى قۇرىدۇ، 1 دىن 2 گىچە بولغان 100 مىليارد يۈەن كۆلەملىك باشلامچى كارخانا، 10 دىن 15 كېچە بولغان 10 مىليارد يۈەنلىك يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانا قۇرىدۇ، 5 دىن 6 گىچە بولغان يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارغا مەدەت بېرىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرىدۇ. ئۇچۇر كەسپى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، بىيولوگىيە كەسپى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، خەلقئارا سودا ۋە ساياھەت مەدەنىيىتى قاتارلىق كەسىپلەردە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان كەسىپ رىقابەت كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرىدۇ، سىناق رايونى ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، پەن تېخنىكا تەرەققىياتىغا قوشىدىغان تۆھپىسى %65 تىن ئاشىدۇ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن ئاشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر