- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
2016.11.10 15:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى، جۇڭگو - قازاقىستان زۇڭلىلىرىنىڭ 3-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشى، 5-قېتىملىق جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، جۇڭگو، رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 21-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتناشقان ھەمدە قىرغىزىستان، قازاقىستان، لاتۋىيە، رۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 9-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
رۇسىيەدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۇي قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. رۇسىيە تەرەپ زۇڭلى لى كېچياڭنى داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركىستېر جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. لى كېچياڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ ، ۋاڭ ياڭمۇ شۇ كۈنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر