باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ گوللاندىيە پارلامېنتى بىرىنچى پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.10 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا گوللاندىيە پارلامېنتى بىرىنچى پالاتاسىنىڭ باشلىقى بۇلىك كىنول بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى مول بولدى. بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندر ئۆز ئارا زىيارەت قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن ئەمەلىي بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتتى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى گوللاندىيە پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى يولغا قويۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى قانۇن ئاساسى ۋە خەلق رايى ئاساسى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. بۇلىك كېنول مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر