باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

2016.11.10 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن موسكۋادىكى كېرىمىل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقى-ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىش؛ ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى پۇختىلاپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، ئاممىۋى يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىككى تەرەپ چوڭ كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى زۆرۈر سەپلىمە بىلەن تەمىنلەش ۋە قوللاش؛ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشماقتا، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مېخانىزمى راۋان يۈرۈشمەكتە. بۇ قېتىم ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قەرەللىك ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، رۇسىيە-جۇڭگو سودىسى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلانماقتا، ماشىنا، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت-ئېكسپورتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ياخشى بولماقتا، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئىجابىي راۋاجلانماقتا، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 21-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتناشقاندىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سانت-پېتىربورگدىن موسكۋاغا يېتىپ بارغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر