باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۈسۈپجان ھەسەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھويلىسىنىڭ يىراق يېقىندا نامى بار

2016.11.09 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى مىچۈەن شەرقىي جەنۇبىي يولى رايون باشقۇرۇش كومىتېتى لوڭچۈەن مەھەللىسىدە يۈسۈپجان ھەسەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھويلىسىنىڭ يىراق يېقىندا نامى بار. تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان 32 ئاھالە بۇ يەردە خاتىرجەم ياشايدۇ، ئۇلار بىر بىرىگە ياردەم بېرىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى ياڭراتتى. نۇرنىساخان مەمەت خوتەندىن بۇ مەھەللىگە كەلگىنىگە تۆت يىل بولدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى يالغۇز خەۋەر ئالىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار ئىدى. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا سول قولى قايرىلىپ كەتكەندە قوشنىلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ مەھەللىدىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان 32 ئاھالە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن كۆچمە نوپۇس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل ئۆي ئىگىسى يۈسۈپجان ھەسەن بىلەن ئىنىسى ئەكبەر ھەسەن 600 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ بۇ ھويلىنى قايتىدىن رېمونت قىلدى، يولنى تۈزلىدى، ھويلىنىڭ تېمىغا دېھقانلار رەسىمىنى سىزىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىناق چىقىشىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئەكبەر ھەسەن مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە تىجارەت قىلىپ پۇل تاپتىم، شۇڭا سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.مەيلى ئىچكى جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر بولسۇن، ياكى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر بولسۇن، خەنزۇلار،خۇيزۇلار بولسۇن ئۆيىمىزنى ئىجارىگە ئېلىش نىيىتى بولسىلا، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆيلەرنى ئەرزان بېرىمىز. بۇمۇ بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان بىر تۈرلۈك مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز. ھەر يىلى دۆلەت بايرىمى، چاغان قاتارلىق بايراملاردا ھويلىمىزدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ھەر مىللەت ئاممىسى بىر يەردە ئولتۇرۇپ، چاي ئىچىپ، يەل يېمىشلەرنى يەپ پاراڭلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە بولغان دوستلۇقى خۇددى ئۇرۇق تۇغقانلاردەك بارغانسېرى مۇستەھكەملەنمەكتە. لوڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما جۈەن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بۇ ھويلا قۇرۇلغان سەككىز يىلدىن بۇيان، بۇ يەردە تۇرغان ئاھالىلەر بۇ يەرنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆردى. بۇنىڭدىن كېيىن مەھەللە كومىتېتىمىز يۈسۈپجان ھەسەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھويلىسىدەك ئۈلگىلىك ھويلىلارنى تېخىمۇ كۆپ قۇرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر