خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-نويابىر، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك مۇدىرىيىتى بىرىنچى يىغىنىنىڭ جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى، چاڭجياڭ - تاۋ فېن مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 26-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى، 14-نۆۋەتلىك چاڭجياڭ - تاۋ فېن مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى