باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش مۇكاپات سىياسىتىنى يولغا قويدى

2016.11.10 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما، مۇكاپات بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسەت تەڭشەلگەندىن كېيىن، چارۋا بېقىشنى چەكلەش تولۇقلىمىسىنىڭ ھېسابلاش ئۆلچىمى ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكى موسىغا ئالتە يۈەندىن يەتتە يېرىم يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، چارۋا بېقىشنى چەكلەش تولۇقلىمىسىدىن سىرت، يايلاق بىلەن چارۋىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنىڭ ھېسابلاش ئۆلچىمى ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكى موسىغا بىر يېرىم يۈەندىن ئىككى يېرىم يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن، ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكى تولۇقلىما، مۇكاپات سىياسىتىدىكى چارۋىچىلارغا ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسى ۋە چارۋا، ئوت-چۆپ ئەلا سورت تولۇقلىمىسى بېرىش مەزمۇنى بىكار قىلىنغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2011-يىلى يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما، مۇكاپات بېرىش مېخانىزمىنى رەسمىي يولغا قويغان. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يايلاق ئېكولوگىيە مۇھىتى ياخشىلىنىپ، يايلاق چارۋىچىلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك كىرىمى بىۋاسىتە ئاشقان.

  بۇ يىل دۆلەت يېڭى بىر نۆۋەتلىك يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما، مۇكاپات بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل شىنجاڭ يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما، مۇكاپات بېرىش مېخانىزمى ئارقىلىق، 150 مىليون يۈز مىڭ مو يايلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەيدۇ، يايلاق بىلەن چارۋىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ساقلانغان كۆلەمنى 540 مىڭ 900 مىڭ موغا يەتكۈزىدۇ، بۇ-پۈتۈن شىنجاڭدىكى 380 مىڭ چارۋىچى ئائىلىسىگە چېتىلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا جەمئىي توققۇز مىليارد 535 مىليون يۈەن تولۇقلىما ۋە مۇكاپات بېرىپ، 314 مىڭ 500 دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىگە نەپ يەتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر