خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارقا سەپ خىزمىتى يىغىنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زېھنىمىزنى غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ ئوبرازنى قايتا تىكلەشنى تېزلىتىپ، ئارقا سەپنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئارقا سەپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2013-يىلى 11-ئايدا پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ھەربىي كۈرەش ئارقا سەپ تەييارلىق خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. بۇ يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت قىسىمى قۇرۇلۇش يىغىنىدا ۋۇخەندىكى بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت بازىسى ۋە بەش بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت مەركىزىگە ھەربىي بايراق بەردى ھەم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ھەر قېتىم قىسىملارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ليەندۈيلەرنىڭ ياتاقلىرى، ئاشخانىلىرى، قاراۋۇلخانىلىرىغا كىرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىدىغان، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان، ھەربىيلەرنىڭ كۆڭلىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشنى تەكىتلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى