باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 11-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 19 جاي ۋە ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتى

2016.11.11 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 10-نويابىر، مەركەزنىڭ 11-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ بېيجىڭ، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، گۇاڭشى، مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت-ماتېرىياللار تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى، «نۇر گېزىتى» ئىدارىسى، «جۇڭگو گېزىتى» ئىدارىسى، ئىقتىساد گېزىتى ئىدارىسى، جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى جەمئىيىتى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقاتى مەركىزى، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى، يەنئەن كادىرلار ئىنستىتۇتى، دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى قاتارلىق 19 جاي ۋە ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپىسىغا ئورۇنلىشىپ مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەزنىڭ 11-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 27 ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپىسىنى مەخسۇس كۆزىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېيجىڭ، چۇڭچىڭ، گۇاڭشى، گەنسۇ قاتارلىق تۆت ئۆلكىنى «ئارقىغا قاراش» بويىچە كۆزىتىدۇ. ئىگىلىنىشچە، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان ئورۇندا ئىككى ئاي خىزمەت قىلىدىكەن، بۇ ئارىلىقتا مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىدىكەن. كۆزىتىش خىزمەت نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى كۆزىتىلىدىغان ئورۇن ياكى رايون پارتىيە گۇرۇپپىسى(پارتىيە كومىتېتى)نىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە مۇھىم ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىلىرى ئىنكاس قىلىنغان خەت، تېلېفون، ئەرزلەرنى، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش جەھەتلەردىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاسلارنى نۇقتىلىق قوبۇل قىلىدىكەن. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قوبۇل قىلمايدىغان باشقا ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە كۆزىتىلىدىغان ئورۇن ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر