باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەلقئارا مۇزېي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2016.11.11 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا مۇزېينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە باشلاندى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇزېي ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم قەسىر، ئىلگىرىكىنى، ھازىرقىنى ۋە كەلگۈسىنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان كۆۋرۈك، دۇنيا مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالاھىدە رولى بار. جۇڭگونىڭ مۇزېيچىلىقى 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تۈرلۈك مۇزېيلارنىڭ مەيدان-سارايلىرى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يىغىپ-ساقلىغان بۇيۇملارنى قوغداش تەتقىقاتى، كۆرگەزمە قىلىش ۋە ھەقسىز ئېچىۋېتىش، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگودىكى تۈرلۈك مۇزېيلار جۇڭگو تارىخىنى ساقلىغۇچى ۋە خاتىرىلىگۈچى بولۇپلا قالماي، يەنە ھازىرقى زامان جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى شاھىت ۋە قاتناشقۇچىلاردۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر