خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- نويابىر سائەت 17دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، كورلىدىن جياڭشى جيۇجياڭغا قاراپ ماڭغان 5/3128- قېتىملىق پويىزنىڭ كورلا ۋوگزالىدىن ئايرىلىشى بىلەن، پاختا تەرگۈچى 2000 نەپەر كىشى بۇ يىللىق «گۆھەر قېزىش سەپىرى»نى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قاراپ ماڭدى. ئارقىدىن، شىنجاڭ كۇيتۇندىن چېڭدۇغا قاراپ ماڭغان 5/3398- قېتىملىق مەخسۇس پويىزمۇ شۇ كۈنى سائەت 20دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، پاختا تەرگۈچى 2459 نەپەر كىشىنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ يىل شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن كۆپ بولغانلىقتىن، بۇ يىللىق پاختا تېرىش مەزگىلى بۇلتۇرقىدىن 10 كۈنچە كېچىكتى، پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ ئۆيىگە قايتىش بېسىق مەزگىلىمۇ 8- نويابىردىن 10- دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىققا مەركەزلەشتى. تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2016- يىلى شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى قىشلىق توشۇش ۋاقتى 11- ئۆكتەبىردىن 31- دېكابىرغىچە جەمئىي 82 كۈن بولۇپ، يەتتە مىليون 500 مىڭچە ئادەم توشۇش مۆلچەرلەنگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى