باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئامېرىكا قاتارلىقلار بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى

2016.11.10 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ 22-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇ خەيبو تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرگە كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  گۇ خەيبو مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گۇ خەيبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھىرلىنىدىغان تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماستىن مېڭىپ، كىلىماتنى تۈزەشتىكى خەلقئارا مېخانىزمنى قەتئىي قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرگە ئالاقىدار مېخانىزم ۋە ھەمكارلىققا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى كۈتمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر