باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاخبارات-نەشىرىيات- رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئالتە تاراتقۇنىڭ يالغان ئاخبارات ئېلان قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.11.11 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت ئاخبارات-نەشىرىيات-رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق توققۇز تارماق بىرلىكتە «ئاخبارات ئارقىلىق قاقتا- سوقتا قىلىش ۋە يالغان خەۋەرلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس تۈرلۈك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ئارقىلىق قاقتا-سوقتا قىلىش ۋە يالغان خەۋەرلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس تۈرلۈك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ۋە تارماقلار ماسلىشىپ، كۆپ قېتىملىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئاخبارات زىيارەت- تەھرىرلىك تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قېلىپلاشتۇردى. 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، دۆلەت ئاخبارات-نەشىرىيات-رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى «شىنئەن كەچلىك كېزىتى» قاتارلىق ئالتە تاراتقۇنىڭ يالغان خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  دۆلەت ئاخبارات-نەشىرىيات-رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئاخبارات گېزىت- ژورناللىرى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى: بۇ ساختا خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىپ، ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ۋە ئاخبارات مۇخبىرلىرىنىڭ كەسپىي ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، دەپ كۆرسەتتى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرى ساۋاقنى ئەستايىدىل قۇبۇل قىلىپ، «ساختا خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش ھەققىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە»، «ئاخبارات مۇخبىر- مۇھەررىرلىرىنىڭ توردىكى پائالىيىتىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەۋەرنىڭ چىنلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زىيارەت ئۆتكىلى، ئورگېنال ئۆتكىلى، تەستىقلاش ئۆتكىلى، ئېلان قىلىش ئۆتكىلى قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئاخبارات مۇخبىر- تەھرىرلىك خىزمىتى تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاخبارات مۇخبىر- تەھرىرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ بولۇپمۇ «ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ، ئابونتلار تېرمىنالى» قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ «ئۈچ تەكشۈرۈش» تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھەررىرلەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، جەزملەشتۈرۈلمىگەن جەمئىيەتتىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلار خەۋەرلىرى ۋە تور ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلماسلىق، كۆچۈرۈپ تارقاتماسلىق؛ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، زىيارەت چوڭقۇر بولماسلىق، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتماسلىق، باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق سەۋەبلىك يالغان خەۋەرلەرنى يوللاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر