خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىدە 150كە يېقىن ئەلئىچى سەنئەتكارى يەكەن دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى بويىدىكى توغراقزارلىقتا قالۇن قاتارلىق سازلارنى چېلىپ، ئىشتىياق بىلەن دولان مۇقامى ئورۇنلىدى، شۇ جايدىكى 1000دىن ئارتۇق دېھقان مۇقام ناۋاسىغا جۆر بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى