باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆپ تەرەپلەر ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچ دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلدى

2016.11.10 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى تۈنۈگۈن ئاياغلاشتى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ترامپنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن يەرشارى خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، تىنچ دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇش چىقىشنى ئۈمىد قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان ئامېرىكا تۈرلۈك خەلقئارالىق قارالمىلاردا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارالىق جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك سىياسەتنى بىرلىكتە تېپىپ چىقىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. ئۇ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا بىر بىرىنى ھۆرمەتلەپ ۋە بىر بىرىنىڭ مەيدانى ۋە پىرىنسىپىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا ئىجابىي سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو مۇنداق دېدى: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تەۋرەنمەس ئىتتىپاقداشلار، ترامپ بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللەپ روناق تېپىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

  كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گۈنھى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ بۇندىن كېيىن چاۋشيەن مەسىلىسى ۋە كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتلەردە تېخىمۇ مۇستەھكەم ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا فىرانسىيەنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ بىرى، مەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش، تىنچلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېزدىن مۇھىم قارالما قىلىمەن. فىرانسىيە يەنە قىلچە مۇرەسسە قىلماسلىق، تامامەن مۇستەقىل بولۇش ئاساسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خىرىسقا تولغان يېڭى بىخەتەرلىك مۇھىتىغا دۇچ كەلمەكتە، ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىك رولى ئىلگىرىكىدەكلا مۇھىم. مەن ترامپ بىلەن تېزدىن كۆرۈشۈشنى كۈتمەكتىمەن ھەمدە ئۇنىڭ بىريۇسسېلغا كېلىپ كېلەر يىللىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆلىنىشىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن.

  ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر بىرلىشىپ خەت يېزىپ ترامپنى ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇپ، كەلگۈسى تۆت يىللىق ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇناسىۋەتنىڭ فاڭجېنىنى بېكىتىشكە تەكلىپ قىلدى.

  بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر: ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلىنىشى بىرازىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر